php نى يىڭى ئۆگەنگۈچىلەر قايسى رامكىنى ئ‍ۈگۈنىمىز؟

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !

2431001721.jpg

Laravel

بۇ php رامكىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى رامكا، "ئەڭ ياخشى رامكا" دېگەن نامىمۇ بار، بۇ رامكا دۆلىتىمىزدە ئانچە ئۇمۇملاشمىغان،لىكىن بارا-بارا ئومۇملىشۋاتىدۇ، سەۋەبى بۇ رامكىنى ئىجاد قىلغۇچىلار چەتئەللىك بولغاچقا بۇنىڭ قوللانمىسى ۋە پايدىنلىش ماتېرىياللىرى ئىنگلىزچە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنگىلىزتىلغا پۇختا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن ھازىر دۆلىتىمىزدىمۇ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ماتېرىياللار ۋە مەنبەلەر باربولدى.

Symfony

بۇمۇ ئالدىنى قاتاردىكى رامكىلارنىڭ بىرى، نۇرغۇنلىغان CMS سىستېمىسى ۋە مۇنبەر سىستېمىلىرى مۇشۇنىڭدىن تۈزۈلگەن، ئەڭ داڭلىقلىرىدىن Drupal,phpBB بار، لېكىن بۇمۇ شۇ يۇقىرىدا دىيىلىپ ئۆتكەندەك چەتئەللىكلەر تۈزىگەن رامكا ...

Yii

بۇ رامكىنى 薛强 ئىسىملىك بىر پىروگىراممىر يېزىپ چىققان، بۇنىڭغا ئائىت ماتېرىياللار دېگەندەك جىقمۇ ئەمەس، بىرقەدەر يېنىك، ئىجرا بولۇش سۈرىتى تىز، لېكىن ئىشلىتىش ئۈچۈن php پىششىق بولۇشى ۋە ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگىرامما ئىچىشقا پىششىق بولۇشى كېرەك.

CI

بۇمۇ چەتئەللىكلەر يېزىپ چىققان رامكا،گىرامماتكىسى ئاددىى ،قىلىپلىق ئۆلچىمى يوق(没有严格的编码规则)، "ئەڭ يېنىك رامكا" دېگەن نامى بار

Thinkphp

بۇ بولسا دۆلىتىمىزدىكى پىروگىراممىرلار ئاچقان بىر رامكا، بۇ رامكا دۆلىتىمىزدە بىرقەدەر كەڭ ئومۇملاشقان، ئىشلەتكۈچىلەر سانىمۇ جىق، لېكىن ھەريىللىق php رامكىلار تەرتىپىدە يوق، سەۋەبى بۇنى ئاساسلىقى دۆلىتىمىزدىلا ئىشلىتىلىدىغان ھەمدە ئىنگلىزچە قولللانمىلىرى يوق، چەتئەللەرگە ئۇمۇلاشتۇرۇلمىغان بولۇشى مۇمكىن.

Zend framework

بۇمۇ چەتئەلىكلەر ئاچقان رامكا،قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ،پۈتۈنلەي ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگىرامما ئىچىش ئەندىزىسى بىلەن يىزىلغان،دەسلەپكى ئۆگەنگۈچىلەرگە سەل تەس توختايدۇ.

ئۈستىدە مەن بۇ ئالتە رامكىنى تىلغا ئالدىم، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان رامكىلاردىن نۇرغۇنى بار، مەن پەقەت ئىچىدىكى بۇ ئالتىسنى تىلغا ئالدىم سەۋەبى ھازىر php پىروگراممېر ئالغاندا كۆپىنچە بۇ رامكىلاردىن بولمىغاندىمۇ بىرەرنى بىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئادەتتە خىزمەتتە ساپ ھالەتتىكى php كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ،ئاساسەن تەييار رامكىلاردىن پايدىلىنىدۇ.

ئەمدى زادى قايسىسىنى ئۆگىنىش كىرەك؟

ئ‍وخشاش بىر ئىشنى ئوخشىمىغان php رامكىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، لېكىن قايسى رامكىنى ئىشلىتىشى ئۆزىمىزگە باغلىق، لېكىن رامكا ئىشلىتىش ئۈچۈن php دە بەلگىلىك ئاساسى بولۇشى كېرەك، مىنىڭ مەسلىھەتىم thinkphpنى ئۆگىنىڭ، چۈنكى بۇ دۆلىتىمىزدە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار تولۇق، پەقەن خەنزۇچىدا ئاساسىكىز بولسىلا ئۆگىنىپ كېتەلەيسىز!

© يازما باياناتى
UISOFT.TOP
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
点赞0تارتۇقلاش تارقىتىش
ئىنكاس ۋاقتىنچە ئىنكاس يوق، قېنى سىزدىن باشلانسۇن .
头像
ئىنكاس مەزمۇنىنى يېزىڭ !
يوللاش
头像

ئىسىم

بىكار قىلىش
昵称ئىپادەكودرەسىم

    ۋاقتىنچە مەزمۇنى يوق