ۋوردپىرىس بىلوگىغا سالون يازمىسىنى كۆچۈرۈش قىستۇرمىسى

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !

بەلكىم سىزمۇ سالون ۋە بىلوگ باشقۇرۇش جەريانىدا ھەر ئىككىلىسىگە ئوخشاش مەزمۇننى ئايرىم تەھىرىرلەپ يۈرۈپ بۇنى ئاۋارچىلىق ھىس قىلىپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن ~

ئۆزۈمنى مىسال قىلىپ ئىيتساممۇ ، بىر ئىشنى ئىككى قىتىم قىلىش بىلەن ئانچە خوشۇم يوق ، بەلگىلەنگەن سۈپەتكە يەتسىلا شۇ يىتەرلىك ئەمەسمۇ ، نىمىشقا قايتا قايتا قىلىپ يۈرىمىز .

图片[1]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا سالون يازمىسىنى كۆچۈرۈش قىستۇرمىسى-Shift Bloger

ۋوردپىرىس قىستۇرمىسى : "蜜蜂采集" بىزنىڭ سالوندا تەھرىرلىگەن مەزمۇنلىرىمىزنى ئەينەن كۆچۈرۈپ ۋوردپىرىس يازمىسى ھالىتىدە ساقلىيالايدۇ ، مەزكۇر قىستۇرمىنى قاچىلاش ئۈچۈن ، ۋوردپىرىس قىستۇرما بازىرىدىن ئىسمىنى يىزىپ ئىزدەپ چۈشىرۋالسىڭىز بولىدۇ ، ئادەتتكى سالون يازمىسى ۋە بىرقانچە داڭلىق توربەتلەردىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ چىقالايدۇ .

图片[2]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا سالون يازمىسىنى كۆچۈرۈش قىستۇرمىسى-Shift Bloger

قسىتۇرمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن باشقۇرۇش سۇپىسىدا قىستۇرمىدىن 2 سى پەيدا بولىدۇ ، بىز بۇيەردە كونا نۇسقىدىكىسنى تاللاپ ئىشلىتمىز .

مەزكۇر قىستۇرمىدا مەيلى يىڭى نۇسقىدىكى ھالىتى بولسۇن ياكى كونا نۇسقىدىكى ھالىتى بولسۇن ، ھەر ئىككىلىسىدە سىزگە پەقەت 5 قىتىملا ئىشلىتىش پۇرسىتى بىرىدۇ ، ئىشلىتىپ بولسىڭىز قايتا ئىشلتەلمەيسىز ، چوقۇم تەستىق كودى سىتىۋىلىپ ئىشلىتشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ .

图片[3]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا سالون يازمىسىنى كۆچۈرۈش قىستۇرمىسى-Shift Bloger

يىڭى نۇسقىدىكى ھالىتىنمۇ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ ، ئەگەر ياراپ قالسا تەستىق كودى سىتىۋىلىپ مەڭگۈلۈك ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ . مەن ئۈگەتكەن ھۈنەر بويىچە مەشغۇلات قىلىپ ھەقسىز ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ ~~

قىستۇرمىنى يىشىش جەريانى

ئەسكەرتىش : يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتىلگىنى پەقەت ۋوردپىرىس بىلوگىغا ئۇدۇل كەلگەن ساندان ئۇچۇرى ، خاتا مەشغۇلات قىلىپ باشقا توربەتلەرنىڭ ساندانلىرىنى ئۆزگەرتىپ ۋە ياكى ساندان ئىچىدكى قىممەتلەرنى قالايمقان قلىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىڭ ، تەپسىلىي كۆرۈپ توغرا مەشغۇلات قلىڭ ~

ئەڭ ئاۋال باۋتادىن ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىمىز ساندانىغا كىرىمىز ، بۇيەردە phpMyadmin ساندان باشقۇرغۇچى مىسال قلىندى .

ساندان ئىچىدكى wp_options ھۆججىتى ئىچىدىن bp_count بۆلىكىنى ئىزدەيمىز .

图片[4]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا سالون يازمىسىنى كۆچۈرۈش قىستۇرمىسى-Shift Bloger

ئاندىن ئىزدەپ چىقىلغان بۆلەك ئىچىدىن option_value قىممتىدىكى 5 نى ئۆزىڭىز خالىغان بىر سانغا ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز بولىدۇ .

图片[5]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا سالون يازمىسىنى كۆچۈرۈش قىستۇرمىسى-Shift Bloger

图片[6]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا سالون يازمىسىنى كۆچۈرۈش قىستۇرمىسى-Shift Bloger

يىشىش تامام !

ئىزاھات : مەزكۇر قىستۇرما سىزنىڭ سالون ۋە بىلوگ باشقۇرشىڭىزغا كۆپ قولايلىقلارنى ئىلىپ كىلەلەيدۇ ، مەزكۇر قىستۇرما ئارقىلىق ئەلۋەتتە ھەرقانداق سالوندىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ ، ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ سالونىدىكى ئۆزىڭىز تەھرىرلىگەن مەزمۇنلارغىلا ئىشلىتشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ، باشقىلارنىڭ ئىجادىي مەزمۇنلىرىنى كۆچۈرمەسلىكىڭىزنى ، باشقىلارنىڭ ئىجادىيتىگە ، ئەمگىكىگە ھۆرمەت قلىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .

بىز سالونچى ، بىكەت باشلقى بولغانلقىمىز ئۈچۈن ئۆزدىيارىمىزدىكى تور مۇھىتىنى پاكىز ، مەدىنىي قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا ئۈلگە بولۇپ مىڭىشىمىز كىرەك ❤

ئاپتور : بىلوگىر

مەنبە : بىلوگىر تېخنىكا مۇنبىرى

© يازما باياناتى
UISOFT.TOP
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
点赞0تارتۇقلاش تارقىتىش
ئىنكاس ۋاقتىنچە ئىنكاس يوق، قېنى سىزدىن باشلانسۇن .
头像
ئىنكاس مەزمۇنىنى يېزىڭ !
يوللاش
头像

ئىسىم

بىكار قىلىش
昵称ئىپادەكودرەسىم

    ۋاقتىنچە مەزمۇنى يوق